Jump to content

بۇزاق يېزىسى

ئورنى Wikipedia
بۇزاق يېزىسى

布扎克乡.Buzaq town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 كەنىت
نوپۇس 27 مىڭ
يەر مەيدانى 35.3 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

بۇزاق يېزىسى خوتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق بولۇپ، خوتەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، خوتەن شەھىرىبىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، خوتەن ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپىباغچى بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى تۇساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپىلايقا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاتناش قولايلىق. يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى 53 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ مو، يېزا بويىچە جەمئىي دېھقان-چارۋىچىلاردىن 6367 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچلىرى 13 مىڭ، يېزا بويىچە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %13.5، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰9.51 بولغان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قولدا توقۇلغان گىلەم قاتارلىقلار.

مەمۇرىي كەنتلەر

[تەھرىرلەش]

تەۋەلىكىدە 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار بۇزاق كەنتى، جاي كەنتى، چىلەك كەنتى، تېتىر كەنتى، ئازۇك كەنتى، ئازنا بازار كەنتى، ھالۇ ئېرىق كەنتى، چاقا كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، كوسا كەنتى، شور ئېرىق كەنتى، باسىي كەنتى، تېرىقئېرىق كەنتى، تۆۋەن قاش كەنتى، پاتەكلا كەنتى، توخۇلا كەنتى، قۇممەھەللىسى، قاش كەنتى، يايلىغان كەنتى، قۇمباغ كەنتى، قۇمقايغان كەنتى، تارشىلىق كەنتى، ئۇزۇنشور كەنتى قاتارلىقلار.

باشقىلار

[تەھرىرلەش]

قەبرىستانلىقخوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 400 مېتىر كېلىدۇ. 1983-يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم قېزىلغان بولۇپ، بىر تۈركۈم مۇكەممەل ساقلانغان رەڭلىك جەسەت ساندۇقى بار، جەسەت ساندۇقى ئىچىدە يىپەك كىيىم-كىچەكلەر بار بۇلۇپ، تارىخىي مەدەنيەتنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىسپات بۇلالايدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]
pFad - Phonifier reborn

Pfad - The Proxy pFad of © 2024 Garber Painting. All rights reserved.

Note: This service is not intended for secure transactions such as banking, social media, email, or purchasing. Use at your own risk. We assume no liability whatsoever for broken pages.


Alternative Proxies:

Alternative Proxy

pFad Proxy

pFad v3 Proxy

pFad v4 Proxy